ixqanyigit

ixqanyigit

Halqam Mamut

ئىشچان يىگىت، گۈلچى قىز

مەتتوختى سەببەت

گۈلزارلىقنىڭ ئىچىدە،

كۆرۈپ قالدىم بۇيۇڭنى.

يۈرىكىمگە ئوت كېتىپ،

يوقاتتىمغۇ خۇدۇمنى.

گۈلگە ئامراق قىزچاقمەن،

قەلبىم گۈلدەك بىغۇبار.

ئىشچان يىگىت بولسىڭىز،

چىن دىلىمدا سۆيگۈ بار.

باغۋىنى مەن گۈلزارنىڭ،

گۈلنى پەرۋىش ئەيلىگەن.

مېھنەت سۆيەر قەلبىم بار،

ھېچكىشىگە بەرمىگەن.

گۈلگە شەيدا بۇلبۇلدەك،

يۈرسىڭىز گۈل ئارىلاپ.

ئويلاپتىمەن كۆڭلۈمدە،

يۈردى مېنىڭ مارىلاپ.

گۈزەل قىزچاق گۈلزاردا،

خۇشال-خۇرام ئوينايلى.

پەرۋىش قىلىپ گۈلزارنى،

بەختىمىزنى تويلايلى.

ئىشچان يىگىت مەيلىمنى

ئۇتتىڭىزغۇ گۈل بىلەن.

بولۇق ئۆسسۇن سۆيگۈنىڭ،

گۈللىرى شۇنچە تېمەن.

ئىشچان يىگىت، گۈلچى قىز،

ئۈزۈلمىسۇن رىشتىمىز.

يالقۇنلىسۇن-ئۆچمىسۇن،

يۈرەكتىكى سۆيگۈمىز!

ixqanyigit

ixqanyigit

Halqam Mamut

00:00 / 00:00