Hekayimiz

Hekayimiz

美克米尔

作词 : 美克米尔

يادىمدىدۇر ھازىرقىدەكلا، 

تۇنجى قېتىم ئۇچراشقىنىمىز.

شۇنچە تاتلىق سەبى سۆيگۈنىڭ،

سىرلىرىغا چۈمگەن قەلبىمىز.

شۇ ئۇچرىشىش دىل خانىمىزگە،

مۇھاببەت بوپ تۆكۈلگەن ئىكەن.

بەختىمىز ھەم پىشانىمىزگە،

شۇ چاغدىلا پۈتۈلگەن ئىكەن.

غايىپ بولغان ئىدىڭ تۇيۇقسىز،

يۈرىكىمنى ئەنسىز قالدۇرۇپ.

ئۆتگەن ئىدىم يالغۇز ئۇيقۇسىز،

سىنى ئويلاپ تۈنلەر ئاھ ئۇرۇپ.

يەتتە يىللىق سېغىنىشىمىز،

تىلفۇن بىلەن يەتكەن ۋەسلىگە.

تەغدىر ئىكەن ئاخىر ئىككىمىز،

يار بولۇشقان ۋىسال پەسلىگە.

شۇنچە تاتلىق ھىكايىمىز بار،

ھىجران بىلەن ۋىسالدا يازغان.

مانا ئىللىق ئائىلىمىز بار،

مۇھاببەت ھەم مېھىرگە تولغان.

Hekayimiz

Hekayimiz

美克米尔

00:00 / 00:00