Mr.ELHAM
ئايلان
باشلىنىش مۇزىكا
ئاينىڭ ئاپئاق شولاسىدەك ئېچىلىپ ئېچىلىپ
ئاق مەرمەردەك بۇلۇتلارغا قوشۇلۇپ قوشۇلۇپ
ئاينىڭ ئاپئاق شولاسىدەك ئېچىلىپ ئېچىلىپ
ئاق مەرمەردەك بۇلۇتلارغا قوشۇلۇپ قوشۇلۇپ
كىرپىكلىرىڭ تۇرسۇن جانىم تۆكۈلۈپ تۆكۈلۈپ
كۆزۈم ئۈزەلمەيمەن سەندىن تىكىلىپ تىكىلىپ
كىرپىكلىرىڭ تۇرسۇن جانىم تۆكۈلۈپ تۆكۈلۈپ
كۆزۈم ئۈزەلمەيمەن سەندىن تىكىلىپ تىكىلىپ
ئايلان ئايلان ئايلان ئايلان گۈزەلىم
پەرۋانە بوپ ئەتراپىمدا ئايلان گۈزەلىم
ئايلان ئايلان ئايلان ئايلان گۈزەلىم
پەرۋانە بوپ ئەتراپىمدا ئايلان گۈزەلىم
مۇزىكا
پەرىزاتتەك ئاي يۈزلۈك ئۇيغۇر قىزلىرى
سىلەر تامام باقماقتا جاھان كۆزلىرى
پەرىزاتتەك ئاي يۈزلۈك ئۇيغۇر قىزلىرى
سىلەر تامام باقماقتا جاھان كۆزلىرى
ئويناپ كۈلۈپ يايراڭلا بەخت سىلەنىڭ
گۈزەللىكتە تەخىت سىلەنىڭ
ئويناپ كۈلۈپ يايراڭلا بەخت سىلەنىڭ
گۈزەللىكتە تەخىت سىلەنىڭ
مۇزىكا
تاغدىن چۈشكەن شالالە ئەسلىدە بىر گۈللالە
تاغدىن چۈشكەن شالالە ئەسلىدە بىر گۈللالە
مەندىن قاچما ئۇيالىپ كەل كەل گۈزەل قىزبالە
مەندىن قاچما ئۇيالىپ كەل كەل گۈزەل قىزبالە
قاچما قاچما سەن قاچما كەل كەل قىزبالە
قاچما قاچما سەن قاچما كەل كەل قىزبالە
مەندىن قاچما ئۇيالىپ كەل كەل گۈزەل قىزبالە
مەندىن قاچما ئۇيالىپ كەل كەل گۈزەل قىزبالە
Mr.ELHAM