Kutux

Kutux

Aygul·Alim

编曲 : parhat turgun

باغرىم مېنىڭ كۆيەر ئەنە چوغدەك، ۋىسالىڭ ئىزلەر دىلىم،,

شۇ ئىسمىڭ ئويۇلغان يۈرەككە ۋە كۈيلەر بۇ تىلىم.

ئېغىر كېلەر ماڭا سەنسىزلىك، سەنسىز يوق بۇ جېنىم.

ۋەسلىڭگە تەشنا قىلما, كەلگىن قىيناۋەرمەي،,

قەلبىمنى يارا قىلما، كەچسەڭ بولماس ئەمدى،,

مېنىڭ نەپسىم توختار سەنسىز، ساڭا باغلاندى بۇ ئۆمرۈم.

كۆز ياشىم بولدى دەريا، ھىجراندىن ئەيلە ئامان.

سەنسىز مەناسىز دۇنيا، يوللۇرۇڭدا مەن سەرسان.

كۆپ كۈتتۈم كەلگىن ئەمدى بەرىبىر كېتەر ئىنسان.

ئازار بەرمە دىلىمغا، بولارمەن مەن بىمار،,

كېلەرسەن دەپ يېنىمغاكۈتەرمەن

ھەر باھار، ئۆتەرمۇ زار يولۇڭغا، بۇ ئۆمرۈم، بۇ ھايات.ماڭا

كۈلمەس تەغدىر ئەمدى، ساڭا بىر باقماي ئۆتەيمۇ؟,

كەل بىر كۆر ئەھۋالىمنى ھەركۈن يىغلاپ كۈتەيمۇ؟,

مېنىڭ سۆيگۈمنى خار قىلما، كۈتكەن يوللاردا يۈتەيمۇ؟,

كەل يار بىرسۆيگىن مېنى، كۈلسۇن بۇ ھايات بۇ ھايات.

بارىم دەپ سۆيدۈم سېنى، مېنى ئۆزبڭ قايتا يارات.

سەنسىز ئۆلسەم ھەم مۇمكىن، يۈرەگىمدە مىڭ فەريات.

سۆيدۈم سېنى سەندىم كۆپراق، بىلگىن يار كۆڭلۈمنى.

يادىمدا سەن بار ھەرۋاق، سەن جانۇ تېنىم خۇددى.

ئاھ شۇنچە بولدۇم ئامراق، ئېلىپ كەتتىڭ يۈرەگىمنى.

ئازار بەرمە دىلىمغا، بولارمەن مەن بىمار،,

كېلەرسەن دەپ يېنىمغاكۈتەرمەن ھەر باھار

، ئۆتەرمۇ زار يولۇڭغا، بۇ ئۆمرۈم، بۇ ھايات.

Kutux

Kutux

Aygul·Alim

00:00 / 00:00