Mutalipjan Kawul
作词 : Anwar Maglik
作曲 : Anwar Maglik
تالاي ئىشلار كۆڭلۈمگە كەلمەس بوپ قاپتۇ
ئويلاپ باقسام ھەممىگە قانغان ئوخشايمەن
دائىم شۇنداق باشقىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ
ئۆزۈم دەرتتە قەپ قېلىپ ھارغان ئوخشايمەن
دائىم شۇنداق باشقىنىڭ كۆڭلىنى ئايان
ئۆزۈم دەرىتتە قەپ قىلىپ ھارغان ئوخشايمەن
يىشىم ئانچە چوڭ ئەمەس قىران مەن قىران
ئەمدىلەتتىن ئەر بولۇپ قاتقان ئوخشايمەن
نۇرغۇن ئىشتا ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىم راس
مەيلى بوپتۇ ماقۇل دەپ ھارغان ئوخشايمەن
قولى ئوچۇق نادان مەن تارىتتىم كۆپ زىيان
قاق سەنەم بوپ ئەقلىمنى تاپقان ئوخشايمەن
ئۆزۈم يىمەي بارىنى ياتلارغا سۇنۇپ
يىقىلغاننى كۆپ يۈلەپ ھارغان ئوخشايمەن
ئۆزۈم يىمەي بارىنى ياتلارغا سۇنۇپ
يىقىلغاننى كۆپ يۈلەپ ھارغان ئوخشايمەن
ئۆزۈم ئۈچۈن دەپ ئاتاپ ئەپ قويغۇنۇم يوق
مەن نادانلىق سازىنى چالغان ئوخشايمەن
يارۇ دوستۇم يىقىنىم تەڭتۈشلىرىم دەپ
مانا بۆگۈن ئاخىرى ھارغان ئوخشايمەن
يارۇ دوستۇم يىقىنىم تەڭتۈشلىرىم دەپ
مانا بۆگۈن ئاخىرى ھارغان ئوخشايمەن
مانا بۆگۈن ئاخىرى ھارغان ئوخشايمەن
Mutalipjan Kawul