Alimjan-mattursul
نەفىسە
كۆزۈم ئىشىكتە، قۇلاق تىۋىشتە ،
قالدى خىيالىم سېنى كۆرۈشتە.
كۈنلىرىم ئۈتەر ئاشۇ رەۋىشتە ،
بىر بىلگەن بولساڭ، بىر بىلگەن بولساڭ.
ساڭا يۈزلەنگەن ئاپتاپپەرەس مەن
تېنىقىڭ ئارا كۈيۈك نەپەس مەن
تۈنلىرى ئۇيقۇ يۇق مەس-ئەلەس مەن
بىر بىلگەن بولساڭ، بىر بىلگەن بولساڭ
كەلگىن يېنىمغا گۈزەل نەفىسە،
ئاچچىق ھىجرانغا بەرگىن خاتىمە .
سەنسز بۇ دۇنيا ئەمەس ھېچنمە،
بىر بىلگەن بولساڭ، بىر بىلگەن بولساڭ،
Alimjan-mattursul