ELAMJAN-YUSUP
作词 : ELAMJAN-YUSUP
作曲 : ELAMJAN-YUSUP
编曲 : ELAMJAN-YUSUP
« مۇزىكا »
ئاڭلىسام مېنىڭ يايرىم كېتەرمىش،
يۈرىكىنى ئۆزگىلەرگە بېرەرمىش.
تەڭ قىلمىغاچ ھىچ كىشىگە ئۆزىنى،
تېپىلماسنىڭ خورمىسى دەپ يۈرەمىش.
دەپتۇ تېخى ئۆزگىگە سۆز قالدۇرۇپ.
يىغلىغانمىش ئەمدىلىكتە كۈلەرمىش.
چىدالمىسام ئايرىلىشقا يالۋۇرۇپ.
ئىشىك ئالدىدا ياتقىنىمنى كۆرەمىش.
كېتەرمىش ئەمدى يايرىم كېتەرمىش.
يامان دەپتۇ ئەمدى مەندىن كىچەرمىش.
كېتەرمىش مىنىڭ يايرىم كېتەرمىش.
يۈرىكىنى ئۆزگىلەرگە بېرەمىش.
« مۇزىكا »
گېپى چوڭ ئىكەن سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ.
مەن چىدىيالماي ئۇ ھەممىگە كۈنەرمىش.
يۈرىكىمگە دورا دەپتۇ ئۈزىنى.
شۇڭا پېقىر ئايرىلغانغا ئۆلەمىش.
سەن ئۆزۈڭنى جاھاندا بىر چاغلىساڭ.
پەرۋايىم يوق مېڭ ئۆزۈڭنى داڭلىساڭ.
يامانغىمۇ كونىلاردىن ئاڭلىسام.
ماس كەلگۈدەك بىرەر لايىق چىقارمىش.
كۈلەرمىش ئەمدى يايرىم كۈلەمىش،
مېنىڭ يالغۇز يۈرگىنىمگە كۈلەمىش.
كۆنەرمىش ھەممە دەرتكە كۆنەرمىش.
لېكىن پېقىر ئايرىلغانغا ئۆلەرمىش.
يايرىم قاچان ئۆلۈشۈمنى بىلەرمىش.
ELAMJAN-YUSUP