Sewepkar

Sewepkar

JIPSA/Mortiza

作词 : JIPSA/Mortiza

作曲 : Mortiza

Sewepkar

Artis:Mortiza/JIPSA

Un/Unum:Mortiza

Neshir:Halis-WestSide

Mortiza

يۈرەكلە زېدە ئاتىسىز ئىنسان تاقەت قوينىدا ئالغان ئىنام

تۆكۈلگەن ياپراق قالغان پىنھان ھايات گۇمىدا باي قامالغان زىندان

تىنمىغان كىشىگە دەردىنى چىدىغان ھايات خەنجەر يۈرەكنى تىلغان

ئۇزۇن كېچىلە ئاقىلنى سانىغان ھايات شىرخان دېگىنىنى قىلغان

ئۇف شاخىمغا قونغان زەينەپنى ئاۋايلاپ ئۇچۇرۋەتتىم

ھاياتقا دوئىل تىكتىم زىنھان بەختىمنى ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۋەتتىم

بۆلۈمە يېزىلغان گۇناھىم قانچە ئەتىنىڭ ئارقىغا مۆكتۈرۋەتتىم

ئۆتمۈشنى قولۋاق قىلدىم پىغان دېڭىزغا ئاۋايلاپ چۆكتۈرۈۋەتتىم

يۈرەكتىن ئاقتى قان تامچە تامچە ئاڭلار پەقەت گىياھسىز بوستان

دۇنيا تەغدىم ئەتسىمۇ ئۆزىنى مەڭگۈ قانائەت قىلماسكەن ئىنسان

بولدۇم سېنىڭ مۆمىن قوزاڭ چىدىدىم سۇنۇلغان مەكتەپنى يىرتساڭ

ئۆتۈنەي ماڭا بىر راست گەپ قىلساڭ رازى ئىدىم ھەتتا گۆشۈمنى شىلساڭ

قىلىنغان ئۇۋاللىق ئۇنتۇلغان ئىدى ئالدىڭدا يۈزسىز گۇناھكارتىم

ئەي دۇنيا مەن ئاجىزنى كەيپ قىلىپ ئىچىڭگە ھەجەپ تارتتىڭ

ئارقامدىن تارتما قامىتىمنى ئىلگىرى ئاتلىق چەۋەندازتىم

ياقامدىن كۆتۈرۈپ ئېيتتى دۇنيا ھەممىگە ئۆزۈڭ سەۋەبكارتىڭ

***

JIPSA

زورلىما دۇنيا ھالىم بەك خاراپ قويمىساڭگەر ماڭا قاتتىق بىر تەلەپ

خورلىما بۇندا يۈرەكلە قاناپ ئاخكۆڭلۈمنى ئەزدى ئاچچىق بىر زەدەپ

قەلىمىمدە بولغان مەدھىلەر ساڭا يالقۇنجاپكەتسە ھىش بەرمەيسەن سەۋەپ

دۇنيا چىدالماي روخسىتىڭسىز سالقۇنداپكەتسەممۇ مەن ئۈچۈن شەرەپ

مۇھاببەتكە تەشنا كۆڭۈلگە سالدۇرۇپ يارقىپسەن ئۆزگىنىڭ كۆڭلىدە بارتۇرۇپ

ياشلىقدەپ ھالاكەت دىڭىزدا قالدۇرۇپ يول قويماي ھەممىگە ئامالىم بارتۇرۇپ

ھەرئىشتا ئانامنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرۇپ ئۆزنەپسىم بولدى ئەسلىمنى چاندۇرۇپ

ئىسىت ئىي مەن بىر ۋاپاسىز بالتۇرۇپ ۋاپانى ئىزلىدىم بىلەكنى تالدۇرۇپ

قامىتىم يىقىلدى ئىي تۇپراق قۇچۇقۇڭغا باشقۇيۇپ كىتەي مەن

ناھەققە چىدىمايمەن ئۇنداق سىنىڭچە نامەردنىڭ ھالىغا يىتەي مەن

بارىمغا ھەمساۋاق بولغىنى ئاخىردا تۈككەندە كەتكىنى ئىنىق ھەم يادىمدا

ئارقىدىن كۆزقىسىپ ۋاپاسىز يارىمغا يالغۇزمەن ئۇلار شىرىكمۇ زارىمغا

پۇلۇمنى تاپتىم ئەيپىمنى ئاشتىڭ قولسىقىپ دوست دىگەن جانجىگەر يۈرەكلە

يولۇمنى تاپتىم قانات قاقتىم ئاتائانام بەرگەن شۇبۈيۈك تىلەكلە

مەڭزىمدىن سىرغىغان ياشتەك ئىللىق ئۆزۈمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپلا قالايدەپ

ھەممىگە ئىشىك بولغان كۆڭلۈمگە تائابەت ئىچىلماس قۇلۇپنى سالايدەپ

***

The End

Sewepkar

Sewepkar

JIPSA/Mortiza

00:00 / 00:00